# Ewlat

> Islamic educational cartoons and films for children and youth. (iPhone/iPad app by Abdullah karakas.)

- Source: https://appshunter.io/ios/app/ewlat/id910773623 (this page in markdown: same URL + `.md`)
- Developer: [Abdullah karakas](https://appshunter.io/developer/900715910)
- Category: Education, Lifestyle
- Price: Free
- Rating: 4.92/5 from 13 App Store ratings · 11 written reviews indexed
- Age rating: 4+
- Requires: iOS 11.0 · 11 MB
- Languages: English
- Released: 2014-08-27
- Data updated: 2026-06-01
- Monetization: free
- User reviews in markdown: https://appshunter.io/ios/app/ewlat/id910773623/reviews.md

## What is Ewlat?

ئەۋلاد دېتالى ھەققىدە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!
ئەۋلاد دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ www.ewlat.net توربېكىتىدە تارقىتىلغان كارتون ۋە فىلىملەرنى ئالما ئۈسكۈنىلىرىدە بىمالال كۆرەلىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان "ئەۋلاد" (EWLAD) ناملىق بۇ دېتالنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.
ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياساتقۇزۇپ تارقىتىلغان "ئۇيغۇر ئەۋلاد" ناملىق ئەپنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز. قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
سىز چۈشۈرگەن بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق: (يېڭىدىن تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار تەييار بولغانسېرى بۇ ئەپكە يوللىنىپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.)
ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
1-	3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىب تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتون فىلىم.
2-	 32 قىسىمدىن تەركىب تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر تېما ھەققىدە توختالغان "مېنىڭ گۈزەل پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم. 
3-	ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ۋە مۇھىم ئاساسلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ تارقىتىلغان جەمئىي 4 قىسىملىق "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتون فىلىم.
4-	 قۇرئان كەرىمنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ئۆزلۈكىدىن تەجۋىدىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە  8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر يۈرۈش "قۇرئانى كەرىم خەتمى" نىڭ پارىلار بويىچە ئايرىلغان ھۆججەتلىرى.
5-	 سېنارىيەسىنى مۆھتەرەم يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىنىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان 31 قىسىملىق "كۆپ قىسىملىق ھەزرىتى ئۆمەر فىلىمى" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى.
6-	 قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئان يوليورۇقلىرى" ناملىق 30 قىسىملىق كارتون فىلىم.
7- 1990- يىللاردا تۈركىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان ۋە تۈركىيەدە داۋالغۇش پەيدا قىلغان 2 قىسىملىق (تەخمىنەن 4 سائەت ئۇزۇنلۇقىدا) "مىنيەلىك ئابدۇللاھ" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى. 
8- ئاللاھ بىلەن قۇل ۋە بەندە بىلەن بەندە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەق-ھوقۇقلار تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "قۇل ھەققى" ناملىق كارتون فىلىم.
9- قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى قېرىنداشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان ھابىل بىلەن قابىل قىسسىسى تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "ھابىل بىلەن قابىل" ناملىق كارتون فىلىم.
10- بۈگۈن ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەندە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئىلىم-پەننىڭ ئۇلىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سالغانلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان "1001 كەشىپ ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى" ناملىق قىسقا فىلىم. 
ئۇندىن باشقا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان بىر قىسىم ئاۋازلىق ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇرچە لايىھەلەنگەن كارتونلارنىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق كۆرۈپ پايدىلىنالايسىز.
جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يوللار ئارقىلىق قىلىش ئېڭىغا ئىگە قىلسۇن. بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلسۇن.
ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك يار بولسۇن. 
ئىقتىسادىي ياردەم ئۈچۈن ئادرېسىمىز: Paypal.com ئارقىلىق ewlatbiz@gmail.com
تور بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net
ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com
ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم – تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.

## Key features

- Islamic educational cartoons
- Films on pillars of Islam
- Biography of Prophet Muhammad
- Quranic teachings and Tajweed
- Stories of prophets and historical figures
- Moral and religious values

## Recent user reviews (10 of 11)

All indexed reviews: https://appshunter.io/ios/app/ewlat/id910773623/reviews.md

### 5/5 — Rahmat

*2022-04-01, version 4.0.1*

Salam bu app wayanda eqilmidi

### 5/5 — كوپ رەخمەت

*2020-08-14*

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 
سىلەرنىڭ يىقىندا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان “قۇرئاندىكى ھايۋاناتلار قىسسەسى  “ ناملىق كارتۇن فىلىمنى ئەۋلاد ئەپ دىتالىدىن كۇرۇپ بەك خوش بولدۇق. باللىرمىزغا دىننى بىلىملەرنى ئانا تىلىمىزدا چۇشەندۇرۇپ ئۆگۇتۇشكە قولايلىق ياراتقىنىڭلاردىن كۆپ رەخمەت.
ئاللا ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي. خىزمىتىڭلاردىن كۇندىن كۇنگە راۋاج تىپىشىنى ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن تىلەيمىز .

**Developer response:** ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
رەھمەت، بىز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشقا، بۇرچىمىزنى يىنىكلىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز.
قىلىنىدىغان ئىش بەك كۆپ، ئىمكانىيەت چەكلىك، قوللايدىغانلار يوق دىيەرلىك...
ئالدىمىزدىكى رامىزاندا يېڭى ئەسەرلەرنى ئەۋلادلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشىمىز، ئىنشائاللاھ.

### 1/5 — Quxurgan yar iqil midi

*2020-04-04, version 3.1*

Lawzugu. Bu ap

### 5/5 — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

*2019-11-10*

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋىدىئونىڭ ئاۋازى چىقمايۋاتىدۇ.

**Developer response:** ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام 
قايسى سىننىڭ؟

### 5/5 — Yasha uyghurum

*2019-07-19, version 3.1*

Yasha

### 5/5 — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  يىڭى  فىلىملەرنى يوللىساڭلار بولاتتى

*2019-05-21, version 3.1*

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىڭى فىلىملەرنى يوللىساڭلار بولاتتى

### 5/5 — بەك قولايلىق ۋە ئىسل بىر ئەپ

*2018-08-22*

كۆپ ئىشلىنىشچان ھەم بەك قولايلىق ۋە رەڭدار مەزمۇنلۇق بىر ئەپ سىلەرنىڭ تىخىمۇ تىرىشىڭلارنى ئۇمىد قىلمىز

### 5/5 — ئېسىل ئىشلانىڭ ئېسىلىنى قىلىپ سىلەر

*2017-04-13, version 2.1*

ناھايىتى ياخشى بىر ئەپنى ئىشلەپسىلەركى سىلەرنىڭ بۇ تۆھپەڭلەرگە ئاللاھىم تۈگىمەس ساۋاپلارنى ئاتاقىلغاي ئامىن ، چىچەن لىگىڭلارغا كۆزتەگمىسۇن ، قوللۇرىڭلارغا دەت بەرمىسۇن ، سىلەرنىڭ ئەزىزتېنىڭلارغا كۆزتەگمىسۇن، خىزمىتىڭلارغا كۆپلەپ ئۇتۇقلار بولسۇن ، ئەزىزتېنىڭلارنى مەڭگۈ سالامەت قىلغاي شۇنداق بولغاندىلا ئەۋلادلىرىمىز ھەم خەلقىمىز ئۈچۈن ئېسىل نەرسىلەرنى ھۇجۇتقا چىقىرالايسىلەر ، ئامىن .

### 5/5 — ياخشى ئەپ

*2016-03-17*

مەن ياقتۇردۇم.

### 5/5 — rehmet

*2015-12-26, version 2.0*

Esselamu aleykum 
Ewlat Gruppisigha rehmet.
Tehimu yahsi eserlerning qikishigha tilekdashmiz.

## Frequently asked questions about Ewlat

### What is Ewlat?

Ewlat is an application that offers a variety of Islamic educational cartoons and films. It is designed to help young Muslims learn about their faith and moral values through engaging visual content.

### What kind of content does Ewlat offer?

Ewlat features animated films on the pillars of Islam, the life of Prophet Muhammad, Quranic studies, and stories of prophets. It also includes films on Islamic history and moral lessons.

### Is Ewlat suitable for all ages?

Ewlat has an age rating of 4+, making it suitable for children and young individuals. The content is curated to provide religious and moral education in an age-appropriate manner.

### How often is Ewlat updated?

The app is designed to be continuously updated with new materials as they become available from the Ewlat educational content preparation group. The latest version is 4.0.1, last updated on July 26, 2021.

### What devices support Ewlat?

Ewlat is available for Apple devices, including iPhone, iPad, and iPod. It is developed to run on these iOS platforms.

### Is Ewlat free to download and use?

Yes, Ewlat is completely free to download and use. There are no in-app purchases or subscription fees associated with accessing its content.

### Does Ewlat have ads?

No, Ewlat does not contain advertisements. Users can enjoy the educational content without any interruptions from ads.

### What is the user rating for Ewlat?

Ewlat has a very high user rating of 4.9 stars, based on 13 ratings. This indicates a strong positive reception from its users.

## Version history (last 5 releases)

### 4.0.1 — 2021-07-26

كۆرۈنمە يۈزلەر ئەلالاشتۇرۇلدى، سىن قويۇلۇپ كەلگەن يېرى خاتىرىلىنىدىغان قىلىندى. iOS11 ۋە يۇقىرى نەشرى قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

### 4.0.0 — 2021-07-23

كۆرۈنمە يۈزلىرى ئەلالاشتۇرۇلدى، ۋىدىيولار كەلگەن ئورۇن ساقلىنىدىغان قىلىندى.

### 3.1 — 2018-03-06

Bu uygulama Apple tarafından Apple Watch uygulaması simgesini göstermek üzere güncellendi.

بەزى تېخنىك خاتالىقلار تۈزىتىلدى

### 3.0 — 2018-01-04

يېڭى ئالما ئەقلىيفونغا ماسلاشتۇرۇلدى،
بەزى تېخنىك خاتالىقلار تۈزىتىلدى،
ئارقا سوپىدىن كىتاب قوشۇش قولايلاشتۇرۇلدى!

### 2.1 — 2016-09-18

قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى...

## Apps similar to Ewlat

| App | Rating | Price | Category |
| --- | --- | --- | --- |
| [Mobile Quran Hatim](https://appshunter.io/ios/app/mobile-quran-hatim/id439579084) | — | Free | Education |
| [Resimlerle Elif-Ba](https://appshunter.io/ios/app/resimlerle-elif-ba/id1437128088) | — | Free | Education |
| [Zikirmatik : Dhikr](https://appshunter.io/ios/app/zikirmatik-dhikr/id6471677432) | — | Free | Education |
| [EYG Öğrenci](https://appshunter.io/ios/app/eyg-ogrenci/id1526682218) | — | Free | Education |
| [Nur TV](https://appshunter.io/ios/app/nur-tv/id6468904576) | 5.0 (2) | Free | Education |
| [Learn Uyghur Handwriting !](https://appshunter.io/ios/app/learn-uyghur-handwriting/id1357111303) | — | $1.99 | Education |

## More apps by Abdullah karakas

- [Awazliq Kitap](https://appshunter.io/ios/app/awazliq-kitap/id961327340)
- [قۇرئان كەرىم](https://appshunter.io/ios/app/id1203681641)
- [Awazliq Eserler](https://appshunter.io/ios/app/awazliq-eserler/id1422703118)
- [ئەۋلاد لۇغىتى](https://appshunter.io/ios/app/id1482295832)
- [ئۇيغۇرچە قۇرئان](https://appshunter.io/ios/app/id1552158994)

All apps by Abdullah karakas: https://appshunter.io/developer/900715910

## Related topics

[ewlat](https://appshunter.io/ios/topics/ewlat)

---

*Data collected daily from the US App Store and indexed by [AppsHunter](https://appshunter.io/). User reviews are verbatim App Store reviews. Ratings, prices and chart positions refresh continuously; this snapshot is from 2026-06-01.*
