# قۇرئان كەرىم

> Uyghur Holy Quran app with multiple translations, commentaries, and audio recitations. (iPhone/iPad app by Abdullah karakas.)

- Source: https://appshunter.io/ios/app/id1203681641 (this page in markdown: same URL + `.md`)
- Developer: [Abdullah karakas](https://appshunter.io/developer/900715910)
- Category: Books
- Price: Free
- Rating: 4.60/5 from 41 App Store ratings · 39 written reviews indexed
- Age rating: 4+
- Requires: iOS 11.4 · 121 MB
- Languages: American English
- Released: 2017-02-14
- Data updated: 2026-08-18
- Monetization: free
- User reviews in markdown: https://appshunter.io/ios/app/id1203681641/reviews.md

## What is قۇرئان كەرىم?

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە  ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟
-	بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى.
-	يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھىلەندى.
-	قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش  ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭلار ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ قوشۇلدى. (كېلەر قېتىمقى نەشرىدە قوشۇلىدۇ)
-	ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە تىل قوشۇلدى.
-	تەپسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، كېلەر قېتىمقى نەشرىدە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز.
-	ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
-	ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
-	بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
-	قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
-	قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى (داۋاملىق يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ ئىنشا ئاللاھ).
-	قىسقىچە بۇ دېتال لايىھىسى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان. بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە.
جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

## Key features

- Multiple Uyghur translation scripts (Old, Latin, Cyrillic)
- Offline access to Quran and commentaries
- Extensive commentaries (Arabic, with Uyghur planned)
- Search functionality
- Audio recitations from over 10 reciters
- Verse sharing and copying

## Recent user reviews (10 of 39)

All indexed reviews: https://appshunter.io/ios/app/id1203681641/reviews.md

### 5/5 — ئاللاھ ئەجىرىڭلارنى بەرسۇن

*2026-03-05, version 4.2*

ھەقىقەتەن بەك ياخشى ياسىلىپتۇ ئاللاھ بۇ دۇنيادىمۇ ئو دۇنيادىمۇ ئەجىرىڭلارنى كاتتا قىلسۇن ئاللاھ رازى بولسۇن لىكىن android نۇسخىسى سەل ياخشى ئىشلىمەيدىكەن iPhone دەك شۇنى بىر تۈزۈتۈپ قويساڭلار ياخشى بوغۇدەك

### 5/5 — بەكمۇ پايدىلىق خىزمەت بۇپتۇ ئاللاھ رازى بولسۇن

*2025-11-08, version 4.2*

بەكمۇ پايدىلىق خىزمەت بۇپتۇ ئاللاھ رازى بولسۇن

### 5/5 — ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن

*2025-02-04, version 4.2*

مۇكەممەل

### 5/5 — 👍👍👍👍👍👍👍❤️❤️❤️❤️❤️❤️

*2024-10-20, version 4.2*

👍👍👍👍👍👍👍👍👍👍👍👍👍👍👍

### 5/5 — ئەپ-سىتوردىكى ئەڭ ياھشى ئەپمىكى

*2024-07-23, version 4.2*

قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن، بۇ مەن ئەپ-سىتوردىكى ئەڭ تەۋسىيە قىلىدىغان ئەپلىرىمنىڭ بىرى. ئاللاھ رازى بولسۇن سىلەردىن.
ئەگەر ئاڭلاۋاتقان يەر بۇدا ئۆچۈرۈپ ياندۇرغىنىمدا ئۆچۈپ كەتمەي ساقلىنىپ قالغان بولسا بەك ياخشى بولغان بولاتتى. مىنىڭ مۇشۇ بىر تەۋسىيەرىم بار ☺️

### 5/5 — ئۇتۇنۇش

*2024-06-30, version 4.2*

بۇ ئەپدىتالغا قۇر ئان كەرىمنىڭ (hind-pak)نۇسخىسىنى قوشقىلى بولامۇ بىزدەك ھەجىلەپ ئوقۇيدىغانلار ئۇچۇن رەھمەت

### 5/5 — تەۋسىيە

*2023-11-26, version 4.2*

خىزمىتىڭلارغا ئاللە ئەجىر ئاتا قىلسۇن (ئامىن)
ئايپەد نۇسخىسى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن …

### 5/5 — ئايدىڭكۆل

*2022-04-03, version 4.2*

ئەل بەكلا قوللىنىشچان ھەم سۈپەتلىك بۇلۇپ كىتىپتۇ، پاكىستان نۇسخىسىنى چۈشۈرۋېلىپ بەكلا ھۇزۇرلاندىم.

### 5/5 — Güzel

*2022-03-18, version 4.2*

Allah razı olsun

### 5/5 — ئۇز

*2021-10-16, version 4.2*

ئاللاھ رازى بولسۇن

## Frequently asked questions about قۇرئان كەرىم

### What does this app offer?

This app provides the Holy Quran in Uyghur with multiple translation scripts (Old, Latin, Cyrillic) and includes extensive commentaries from various scholars. It also features audio recitations from numerous renowned reciters and allows for offline use of most content.

### What are the key features of this app?

Key features include multiple Uyghur translation scripts, offline access to the Quran and commentaries, search functionality, verse sharing, and audio recitations from over ten popular reciters. The app also offers easy page and section navigation.

### Is this app free to use?

Yes, the app is completely free to use. There are no in-app purchases or advertisements mentioned, indicating a free monetization model.

### What languages are supported?

The primary focus is on Uyghur, with multiple script options for translations. Additionally, the app supports over a dozen other languages for the Quran itself, and commentaries are available in Arabic, with Uyghur planned for future updates.

### Who is this app designed for?

This app is designed for Uyghur speakers who wish to read, study, and listen to the Holy Quran. It is particularly useful for those who want to explore different translations, access scholarly commentaries, and benefit from audio recitations.

## Version history (last 5 releases)

### 4.2 — 2020-08-24

بەزى يانفۇنلاردا قارا ئىكران چىقىۋىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى
دۇئا ھەمبەھىرلەشتە كۆرۈلگەن مەسىلە تۈزىتىلدى

### 4.1 — 2020-08-09

بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى

### 4.0 — 2020-07-29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشرى پۈتۈنلەي يېڭىدىن يىزىپ چىقىلغان بولۇپ، قوللىنىشچانلىقى ئاشۇرۇلۇپ نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر قوشۇلدى:
-قۇرئان كەرىم 3 خىل نۇسقىسى قوشۇلدى (مەدىنە، پاكىستان، تۈركىيە)، ئوقۇش جەريانىدا خالىغاننى تاللاپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.
-كېچە ۋە كۈندۈز ئوقۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
-بەتنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى خالىغان تىلدا تاللاپ ئوقۇش قوشۇلدى.
-ئايەت ئايەت ئاڭلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
-يېڭى تەرجىمە ۋە تەپسىرلەر  قوشۇلدى.
-ئايەتنى 9 خىل ئۇسلۇبتا رەسىملىك ھەمبەھىرلەش قوشۇلدى.
-بەتنى يوتكەپ ئوقۇش ۋە خالىغان بەتكە تېز بېرىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
-ئايەتلەرگە خاتىرە قالدۇرۇش قوشۇلغان بولۇپ، كېيىن خالىغان ۋاقىتتا كۆرەلەيسىز.
-ئىزدەش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى؛ خالىغان تىلنى تاللاپ ئىزدەشكە بولىدۇ.
تىلاۋەت بولۇمى تۈرلەرگە ئايرىلدى.
-تىلاۋەت ئاڭلاش سەھىپىسى ئىلغارلاشتۇرۇلدى.
-دۇئالار بۆلۈمىگە ئالدى كەينىگە سۈرۈش ئارقىلىق يوتكەپ ئوقۇش، رەسىملىك ھەمبەھىرلەش قوشۇلدى.
-رەسىملىك ئاتكىرىتكا (ئۇچۇر) يوللاش قوشۇلغان بولۇپ خالىغان ئۇچۇر ۋە ئىسمىڭىزنى يېزىپ قېرىنداشلىرىڭىزغا يوللىيالايسىز.

### 3.0 — 2019-08-10

«قۇرئان كەرىم» دېتالىنىڭ iOS يەنى «ئالـما»  نۇسخىسى  يېڭىلاندى. يېڭى نەشرىدىكى يېڭىلىقلارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:
1- دېتالنى تاقىۋېتىپ قايتىدىن قوزغاتقاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان سەھىپە ئېچىلىدۇ.
2- دېتالنى قوزغاتقاندا باشبەتتە قۇرئان ئوقۇش بېتى ئېچىلىدۇ. 
3- سەھىپە، سۈرە ۋە پارە تاللاش ئېكراننىڭ سول تەرىپىگە يۆتكەلدى.
4- ئوڭ تەرەپكە سەھىپە تىزىملىكى قويۇلدى.
5- ئىبنى كەسىر تەپسىرى ئوڭشالدى.
6-  قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرى تىزىملىكى يېڭىلاندى.
7- ئىزدەش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى. 
8- سىن دەرسلىرى سەھىپىسى قوشۇلدى.
9- «قۇرئاندىكى تېمىلار» سەھىپىسى قوشۇلدى.
10- دۇئالار سەھىپىسى قوشۇلدى. 
 11- «تىلاۋەت ئاڭلاش» ئىقتىدارىغا ئاپتۇماتىك سۈرە ئاتلاش،  خالىغان سۈرىلەرنى چۈشىرىۋېلىپ تورسىز ئاڭلاش ۋە خالىغان سۈرىنى ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

### 2.0 — 2017-07-25

خاتالىقلار تۈزىتىلدى
ئەپ سىغىمى كىچىكلىتىلدى
يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى

## Apps similar to قۇرئان كەرىم

| App | Rating | Price | Category |
| --- | --- | --- | --- |
| [گەوهەرەکانی فەرموودە](https://appshunter.io/ios/app/id6747139606) | 4.8 (20) | Free | Books |
| [Al Quran (Tafsir & by Word)](https://appshunter.io/ios/app/al-quran-tafsir-and-by-word/id1437038111) | 4.8 (19,067) | Free | Books |
| [Al Quran Majeed القرآن الكريم](https://appshunter.io/ios/app/al-quran-majeed/id1661411414) | 4.7 (25) | Free | Books |
| [Quran Study Learn Word by Word](https://appshunter.io/ios/app/quran-study-learn-word-by-word/id1447827034) | 4.8 (1,638) | Free | Books |
| [Al Quran - القران الكريم](https://appshunter.io/ios/app/al-quran/id1669712591) | 4.7 (4,315) | Free | Books |
| [AL Quran MP3 Audio Offline](https://appshunter.io/ios/app/al-quran-mp3-audio-offline/id1450359725) | 4.7 (3,193) | Free | Books |

## More apps by Abdullah karakas

- [Ewlat](https://appshunter.io/ios/app/ewlat/id910773623)
- [Awazliq Kitap](https://appshunter.io/ios/app/awazliq-kitap/id961327340)
- [Awazliq Eserler](https://appshunter.io/ios/app/awazliq-eserler/id1422703118)
- [ئەۋلاد لۇغىتى](https://appshunter.io/ios/app/id1482295832)
- [ئۇيغۇرچە قۇرئان](https://appshunter.io/ios/app/id1552158994)

All apps by Abdullah karakas: https://appshunter.io/developer/900715910

---

*Data collected daily from the US App Store and indexed by [AppsHunter](https://appshunter.io/). User reviews are verbatim App Store reviews. Ratings, prices and chart positions refresh continuously; this snapshot is from 2026-08-18.*
